«مالازگىرت زەپىرى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى

بىتلىسنىڭ ئاھلات ۋە مۇشنىڭ مالازگىرت ناھىيەلىرىدە «26 – ئاۋغۇست مالازگىرت زەپىرىنىڭ 949 – يىللىقى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇراسىملار ئارقىلىق باشلاندى.

1478122
«مالازگىرت زەپىرى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركلەرنىڭ 1071 – يىلى ئانادولۇغا كىرىش ئېغىزى» دەپ ئاتالغان مالازگىرتتا، ھەمدە «ئانادولۇنىڭ مۈلۈك خېتى» دەپ قارىلىدىغان ئاھلاتتا، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سېرىك ئۆمىكى «تۈرك چولپانلىرى»، «مالازگىرت زەپىرى» نىڭ 949 – يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى.

نەۋشەھىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئات ۋە ئىت تەربىيەلەش مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىدىن كەلگەن 8 ئات ۋە 8 ماھىر پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇختا ئىشلەنگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى كۈنى، بالىلار ئۈچۈنمۇ ئوق ئېتىش مۇسابىقىلىرى،  تېننىس توپ، گولف ۋە پەي توپ ئويۇنلىرى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى  ئۇيۇشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر