تۈركىيە ياۋروپا قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە، ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ 2017 ۋە 2019 – يىللىرىدىكى زىيارەتلىرىگە دائىر دوكلاتلىرى ۋە بۇ دوكلات توغرىسىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1467476
تۈركىيە ياۋروپا قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ، 2017 – يىلى 10 – مايدىن 23 – مايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈركىيەگە قاراتقان 7 – قېتىملىق زىيارىتى بىلەن 2019 – يىلى 6 – مايدىن 17 – مايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «ad hoc» زىيارىتى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ دوكلاتلارغا بەرگەن پىكىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىگە ئاساسەن بۈگۈن ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «دۆلىتىمىز ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىغا ۋە تەرەپ بولغان كېلىشىملەر دائىرىسىدە بۇ مېخانىزملار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ياۋروپا قىيىن – قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر زىيارەت دوكلاتىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت قاراشلىرىمىزىنىڭ ئېلان قىلىنىشىمۇ بۇ چۈشەنچىمىزنى نامايان قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر