تۈركىيە ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئىراقتا مۇستافا ئەلقازىمى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1412680
تۈركىيە ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، دۇنيامىز <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن ئىبارەت قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان باش مىنىستىر مۇستافا ئەلقازىمىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىگە تولۇق ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا، خەلقنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدىغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاشلا، يېڭى ھۆكۈمەت بىلەنمۇ ئورتاق مەنپەئەتلەرنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا بىخەتەرلىك، سودا، سېلىنما ۋە دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر