ئەردوغان: تۈركىيە قىيىن ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە قىيىن ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى.

1411314
ئەردوغان: تۈركىيە قىيىن ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى ھارپىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىمىزغا يەتكۈزگەن زىياننى تولدۇرۇشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە مەجبۇرمىز. دەرۋەقە، يۇقۇم مەزگىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت ھەم ئۇتۇقلارغا ئايلاندۇرىمىز. تۈركىيە يۇقۇم باسقۇچىدا ھەر جەھەتتىن تەرەققىي تاپقان ئەللەردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى، ھەمدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتكەرنى قولغا كەلتۈرى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ داۋالغۇشلۇق قىيىن ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر