ئەردوغان: تونېلنىڭ ئۇچىدىن يورۇقلۇق كۆرۈندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن تونېلنىڭ ئۇچىدىن يورۇقلۇق كۆرۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1406530
ئەردوغان: تونېلنىڭ ئۇچىدىن يورۇقلۇق كۆرۈندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت قىيىن ئۆتكەلنى ئىستىقبالىغا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلاپ،  مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا ئارقىدا قالدۇرماقتا. كۈچىنى ئېتىقادىمىزدىن ئالغان سەۋر – تاقىتىمىز، مىللىي بىرلىكىمىز، زامانىۋى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز  ۋەئۈلگىلىك ھەمكارلىق ئېڭىمىزغا تايىنىپ كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقلىرىمىز مېۋە بېرىشكە باشلىدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مۇساپىسىدە دۆلەت ئىچىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 55 دۆلەتكىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر