تۈركىيەنىڭ قورال-ياراغ ئىمپورتى ئازايغان
تۈركىيە 2015-2019-يىللىرىدا قورال-ياراغ ئىمپورتىنى ئالدىنقى بەش يىللىق مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %48 ئازايتتى.
1374887
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىمپورتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە، تۈركىيە قورال سانائىتىدىكى تەرەققىياتلار چوڭ رول ئوينىغان.
رۇسىيەنىڭ قورال ئېكسپورتى يېقىنقى 10 يىلدا %18 ئازايغان بولسا، گېرمانىيەنىڭ يېقىنقى بەش يىلدا ئالدىنقى بەش يىلغا سېلىشتۇرغاندا %17 ئاشقان.
ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ قورال ئىمپورتى يېقىنقى 10 يىلدا %61 ئاشقان بولۇپ، بۇ يېقىنقى بەش يىلدىكى دۇنيا قورال-ياراغ ئىمپورتىنىڭ %35 نى ئىگىلىگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنقى بەش يىلدا ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ ئىمپورتچىسى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىللىق مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %130 ئاشقان.