پ ك ك نىڭ كەركۈك مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ ئاتالمىش ماھمۇر – كەركۈك ئۆلكىلىك مەسئۇلى يەھيا دۇمان ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىندى.

1366073
پ ك ك نىڭ كەركۈك مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان، 1993 – ييلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، سىئىرت ۋە شىرناقنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، 2016 – يىلى ماردىن /دارگەچىت دىبەكلى ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان   «سابرى تورى» تەخەللۇسلۇق  يەھيا دۇمان، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان  ھەربىي ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇ، پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىملىرى مەكتەپلىرىدە تېررورچىلارغا ئاتالمىش  ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بەرگەن، 2019 – يىلدىن بۇيان پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ماھمۇر – كەركۈك ئۆلكىلىك مەسئۇلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر