ئاقسوي: باغدادى ئىنسانىيەتنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1295867
ئاقسوي: باغدادى ئىنسانىيەتنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ھامى ئاقسوي باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب بېرىپ، «ئەبۇبەكىرى ئەلباغدادى ئىنسانىيەتنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرىدۇر. تۈركىيە، دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تېررورچى قۇرغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان خاتا چۈشەنچىگە قارشى ئالدىنقى سەپتە روبىرو تۇرۇپ كۈرەش قىلدى. مەيلى دائېش، مەيلى پ ك ك / پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر