پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا
ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىغا ئېلىپ بارغان «پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىغا ئېلىپ بارغان «پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 27-ماي (دۈشەنبە) باشلانغان پەنجە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا ئىكەن. بۇ دائىرىدە، زەمبىرەكلەر، تىك ئۇچارلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئالتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ سان بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 15 كە چىققان.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«ئالاھىدە زەربىدار ئەترەتلىرىمىز پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆڭكۈر، غار ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى داۋاملىق بىتچىت قىلماقتا.»
مىنىستىرلىق ئالاھىدە زەربىدارلار بىر غارغا كىرگەندە تارتقان ۋىدېيو ۋە رەسىملەرنىمۇ تارقاتتى.
&&&
ھاكۇرك رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىدا باشلانغان پەنجە ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.