جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
1153653
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook، Twitter ۋە Instagram سەھىپىلىرىدە، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىم! 65 ياش كەينىمدە قالدى، سىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپەىلىرىڭلاردا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر تارقىتىشىڭلار مېنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى، ھەممىڭلارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يولدا سىلەرگە خىزمەت قىلىش رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئېھسانىدۇر. سىلەرنى بۇ خىزمەت جەريانىدا ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن، ئامان بولغايسىلەر.»