ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
939125
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – قاتار مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى ئالپھا كوندې بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.