تۈركىيە رۇسىيەدىن تېررورچى مىھراچ ئۇرال مەسىلىسىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە، تېررورچى مىھراچ ئۇرالنىڭ سوچى قۇرۇلتىيى ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

900569
تۈركىيە رۇسىيەدىن تېررورچى مىھراچ ئۇرال مەسىلىسىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سوچى قۇرۇلتىيىنى تۈركىيەگە ۋاكالىتەن نازارەت قىلىۋاتقان رەسمىي ھەيئىتى، THKP-C ئالدىرىغۇچىلار تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى شۇنداقلا 2013 – يىلىدىكى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە يۈز بېرىپ 52 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى تېررورچى مىھراچ ئۇرالنىڭ ئىشتىراكچىلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يىغىندىن ئىلگىرى تۈركىيەگە مەلۇم قىلىنغان ئىشتىراكچىلار تىزىملىكىگە ئىسمى كىرگۈزۈلمىگەن بۇ كىشىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى، مەسىلىنى جىددىي تەكشۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ۋاقىپلاندۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر