مۇئاۋىن باش مىنىستىر بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ
ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك 2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئىقتىسادىي ئىشلار دىيالوگ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتە بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن شىمشەك باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت قاتنىشىدىكەن. ھەيئەت يىغىن دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى دىيالوگىدا، ياۋروپا كومىتېتى مەسئۇللىرى ۋە داڭلىق سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
رەسمىي ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيەدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇچرىشىشلار ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە كەڭ دائىرىلىك تالاش – تارتىشلارغا زېمىن ھازىرلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
شىمشەك بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىركى كاتاينېن ئەتە ئۇچرىشىشلار ھەققىدە ياۋروپا كومىتېتى مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.