ئەردوغان تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2226 – يىلىنى تەبرىكلىدى
ئەردوغان: «قۇرۇقلۇق ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ساھەلەردە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە – مەسئۇلىيەتلىرىنى خۇددىي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان تۈرك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2226–يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك سالىھ زەكى چولاققا تېلېگرامما يوللىدى.
ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىمىز دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈچىمىزدۇر» دېدى.
ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا يەنە: «قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئالىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ساھەلەردە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە– مەسئۇلىيەتلىرىنى خۇددىي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.