ئەردوغان: تۈركىيە قاتناشمىغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە بىز مەسئۇل ئەمەسمىز

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۆزى قاتناشمىغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقىمۇ، سۆھبەتكىمۇ داخىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

592019
ئەردوغان: تۈركىيە قاتناشمىغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە بىز مەسئۇل ئەمەسمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسۇل ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيە قاتناشمىغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە بىز مەسئۇل ئەمەسمىز. جۈملىدىن بىز ئۇرۇشقىمۇ، سۆھبەتكىمۇ داخىل بولىمىز» دېدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخىرقى قەلئە مۇسۇلنى ئېلىش چوڭ ھەرىكىتى باشلىنىشى بىلەن تەڭ، تۈركىيەمۇ ئىراق چېگراسىدا يۈز بەرگۈسى كۆچمەنلىك ۋە ئوتتۇرىغا چىققۇسى تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتتى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى مۇسۇل ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى 24 سائەت كۆزەتمەكتە. تۈركىيە دائىرىلىرى باشىكادىكى تۈرك ئەسكەرلىرى تەربيەلىگەن «نىنوۋا مۇھاپىزەتچىلىرى» دىن تەخمىنەن 2 مىڭ كىشىلىك بىر كۈچنىڭمۇ مۇسۇل ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر