«ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ نېمىشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتتى.

589840
«ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان كونيادا ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «<فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى جۈملىدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ھەممە بىلىشى كېرەك. ئىتتىپاقداش كۈچلىرى نۆۋەتتە بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغىغۇ ماقۇل. ئۇنداقتا ئىتتىپاقداش كۈچلىرى نېمە دەپ پ ي د ۋە ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن قىيىن. ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىز بىلەن دوست. ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىچىدىكى 63 دۆلەت بىلەن، بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھمىز. ئۇلارنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمىز. نۆۋەتتە تېررورىستلارنى تەربىيەلەۋاتقانلارنى چۈشىنەلمەيۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر