نۇمان قۇرتۇلمۇش بارلىق ئىسيانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تازىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىشتىكى سۆزىدە 15 – ئىيۇلنىڭ تۈركىيەگە ۋە تۈركىيەنىڭ دوستلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

538868
نۇمان قۇرتۇلمۇش بارلىق ئىسيانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تازىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ھەربىي ئىسياننى ئوتتۇرىغا چىقارغان بارلىق ئۇنسۇرلارنىڭ تازىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/ پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي ئىسيان چىقىرىشقا ئۇرۇنىشىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن كوسوۋا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە كوسوۋا دېموكراتىك تۈرك پارتىيەسى رەئىسى ماھىر ياغچىلار بىلەن چانكايا سارىيىدا كۆرۈشتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىشتىكى سۆزىدە 15 – ئىيۇلنىڭ تۈركىيەگە ۋە تۈركىيەنىڭ دوستلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەگەر ھەربىي ئىسيان نەتىجىگە ئېرىشكەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ئەتراپتىكى دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «شۇڭا بۇ جەھەتتە بىزنى قوللىغان پۈتۈن دوستلىرىمىزغا، بولۇپمۇ كوسوۋادىكى دوستلىرىمىزغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمىز. بۇ زىيارىتىڭىز بىزگە باشقىچە كۈچ قوشتى. تۈركىيە ئىنشائاللاھ پۈتۈن دوستلىرى بىلەن بىرگە بۇ رايونننىڭ پارلاق يۇلتۇزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. 

نۇمان قۇرتۇلمۇش خەلقنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ئىگە چىقىپ، چوڭ داستان يازغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزدە <ھەرقانداق يامانلىقتا بىر خەير باردۇر> دەيدىغان گەپ بار. بۇ ھەربىي ئىسيانغا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئىنشائاللاھ بىزگە نىسبەتەن ياخشىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە تۈركىيە تېخىمۇ دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ماھىر ياغچىلارمۇ ھەربىي ئىسيان سەۋەبىدىن كوسوۋا خەلقىنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلن تەڭ ئازاب ھېس قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

كوسوۋادا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى رەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياغچىلار، «تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە كۈچىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بالقان رايونىنىڭمۇ قۇدرەت تاپقانلىقى  بولىدۇ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر