«تېررورلۇق مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ»
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇمنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ، بومبىلارنى ئۇ يەرگە ئەۋەتكەنلەر ياكى بومبىنى قويغۇچىلاردىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» ئويۇنىدا پىچكا ئورنىدا پايدىلىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تېررورلۇقنىڭ خەلقئارالىق پايدىلىنىش ۋاستىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ، ئەجەپ ياخشى بولدى، دېگەنلەرنىمۇ بىلىمىز. بۇ ھۇجۇمنىڭ كۆرۈنمىگەن يۈزى توغرىسىدا قايغۇرۇۋاتىمىز، ئەمما غەزەپ – نەپرىتىمىزنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېدى.
ئۇ تارىخ بويىچە تېررورلۇق قىلغانلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلارنىڭ يوقالغانلىقىنى، ھازىرمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا ئارقا سەپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىستىخبارات قاتارلىق ساھەلەردە ياردەم بېرىۋاتقانلارغا، ھۇشىنى تېپىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 80 مىليون خەلق قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، تېررورلۇققا قارشى مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.