ئىسپانىيە ئۆكتەبىرنى قاتتىق ئىسسىق بىلەن باشلىدى

ئىسپانىيە ئۆكتەبىر ئېيىنى 38 گىرادۇسلۇق يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى بىلەن كۈتۈۋالدى.

2044970
ئىسپانىيە ئۆكتەبىرنى قاتتىق ئىسسىق بىلەن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە مېتېرولوگىيە ئىنىستىتۇتى (AEMET) ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە دۆلەت مىقياسىدا ھاۋا تېمپېراتۇراسى رېكورت دەرىجىگە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە مېتېرولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ باياناتىدا، ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى 2014-يىلى 22-ئۆكتەبىر 37.5 گىرادۇسقا چىققانلىقى، بۇ رېكورتنىڭ ئىسپانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان باداجوز شەھىرىدە تۈنۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) 38 گىرادۇسقا يېتىپ بۇزۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

پەسىلنىڭ نورمال تېمپېراتۇراسىدىن 10-5 گىرادۇس يۇقىرى بولغان ھاۋا تېمپېراتۇرالىرى، ئېندۇلۇستىكى سېۋىللا كارمونا ناھىيەسىدە 37.4 گىرادۇس، جائېن ئاندۇجار ناھىيەسىدە 37.2 گىراسقا يەتتى. دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇراسى 30 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، جەمئىي 92 نۇقتىدا ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇراسى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى.

ئىسپانىيە مېتېرولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئىسپانىيەنىڭ 1950-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق كۈز پەسلىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر