ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇجۇقتۇرۇلغان ئەسكەرلىرنىڭ سانى ئاشماقتا

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ شەھىرىنىڭ شەرقىدە يەنە 5 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2141227
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇجۇقتۇرۇلغان ئەسكەرلىرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاسسام بىرىگادىسىنىڭ تېلېگرامما ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا: «مۇجاھىدلىرىمىز زىئونىست پىيادە ئەسكەرلەر قوشۇنىنى ھەربىي خادىملارغا قارشى مىنا بىلەن ئۇجۇقتۇرۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى» دېيىلدى.

رافاھنىڭ شەرقىدىكى تابىن مەسچىتى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 5 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، رافاھنىڭ شەرقىدە 15 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرى رايونىدىمۇ ئىسرائىلىيەگە تەۋە  «ئاپاچى» تىك ئۇچارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 628 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر