رۇسىيە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3 ئادەم قازا قىلدى، 28 ئادەم يارىلاندى.
2141113
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى خاركىۋغا يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇملار داۋامىدا 3 ئادەم قازا قىلدى، 28 ئادەم يارىلاندى، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي موسكۋانى خاركىۋنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ خاركىۋنى قولغا چۈشۈرۈش پىلانىمىز يوق.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھۇسىيلار ب د ت نىڭ 11 خادىمىنى تۇتقۇن قىلدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 11 خادىمىنى تۇتۇپ كەتتى.