غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى

غەززەدە قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكالىق 17 دوختۇر تارقاقلاشتۇرۇلدى.

2141041
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى – ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربىي كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەززەدىكى ياۋروپا دوختۇرخانىسىدا قاپسىلىپ قالغان ۋە رەفاھ چېگرا ئېغىزى تاقاق بولغانلىقتىن بۇ يەردىن چىقالمىغان دوختۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

كىربىي مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى بىمارلارغا جىددىي ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رايوندىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ئامېرىكا پۇقراسى 17 دوختۇرنىڭ تۈنۈگۈن رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ مەزكۇر دوختۇرخانىدا جەمئىي ئامېراكىلىق 20 دوختۇرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى، دوختۇرخانىدا قالغان باشقا 3 دوختۇر ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدا رايونغا بېرىپ، غەززە پۇقرالىرىغا ياردەم قىلغان 20 دوختۇر،  ياۋروپا دوختۇرخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن  كېيىن، بۇ دوختۇرخانىدىن ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى ئايرىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكتىن رايوندىن ئايرىلالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر