ب د ت دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى: نىشانىمىز يېرىم مىليون كىشىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغان يېرىم مىليون كىشىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ياردەملىرى سۈرىيەدە 7 – فېۋرالدىن بۇيان، تۈركىيەدە بولسا 8- فېۋرالدىن (2023) بۇيان تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلمەكتە ئىكەن.
ب د ت دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ نىشانى ھەر ئىككى دۆلەتتە 500 مىڭ كىشىگە ياردەم قولىنى سۇنۇش بولۇپ، 8 – فېۋرالدىن باشلاپ جىددىي ئېھتىياجلىق تەخمىنەن 64 مىڭ كىشىگە ياردەم بېرىلگەن.
بۇ دائىرىدە، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئۇلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېمەك – ئىچمەك، تەييار يېمەكلىك ئورالمىلىرى، ئائىلە يېمەك - ئىچمەك پوسۇلكىلىرى ۋە ئىسسىق تائاملار بىلەن تەمىنلىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرىنى ئائىلە يېمەك - ئىچمەك پوسۇلكىلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.
نۆۋەتتە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرىدە، ھىمايە ئاستىدىكى 44 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىردىن باشقا، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ پاناھلانماقتا ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگرامىسى بۇ دائىرىدە، ئوسمانىيەدىكى «جەۋدەتىيە مۇساپىرلار لاگېرى» دا پاناھلىنىۋاتقان 17 مىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىغا تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېمەك - ئىچمەك پوسۇلكىلىرىنى تارقىتىپ بېرىشكە باشلىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ب د ت دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى پائال پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشخانىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى كۈندىلىك ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى ۋە شېرىكلىرى سۈرىيەدە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىىدا پاناھلىنىۋاتقان 38 مىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىنى تەييار يېمەكلىك ئورالمىلىرى ۋە ئىسسىق تاماقلار بىلەن تەمىنلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكالىق 17 دوختۇر تارقاقلاشتۇرۇلدى.