غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 303 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 31 ئادەم كۆپىيىپ، 35 مىڭ 303 كە يەتتى.

2140825
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 303 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 224 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 4 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 31 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 56 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35 مىڭ 303 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 261 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 700 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى پەلەستىن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە «تارقاقلاشتۇرۇش» ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن، بالىلار ، ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەززەنىڭ جەنۇبىدا 600 مىڭدىن، شىمالىدا بولسا  100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتقا مەھكۇم بولغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردانلىق ھاياتقا مەھكۇم بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنى خەتەرگە ئىتتىرىشنى توختىتىشى، بۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ غەززەگە كىرىشى ھەم تارقىتىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر