ب د ت: ئافغانىستان يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندا 6 مىليون كىشىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى ياردەمچىسى رامىز ئەلئەكبروۋ، ئافغانىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا تېمپېراتۇرانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندا قىشقا تەييارلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 768 مىليون دوللارغا ۋە يىل ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى 614 مىليون دوللارغا ئېھتىياجلىقمىز.»
«ئافغانىستاندا 6 مىليون كىشى جىددىي يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. 2023-يىلى ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى (28 مىليون كىشى) ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج بولىدۇ.»
تالىبان 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خەلقئارا ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، ئاياللار ۋە قىز بالىلار مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدى.
مىڭلىغان ئاياللار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دوختۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلدى
غەززەدە قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكالىق 17 دوختۇر تارقاقلاشتۇرۇلدى.