ئاقساراي بايدىن بىلەن ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋام قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1850021
ئاقساراي بايدىن بىلەن ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ مادرىدتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى  ئەسكەرتىلىپ، «پىرېزىدېنت بايدىن تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە بىلەن ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش يولىنى ئاچقانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقانلىقى ۋە ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىدىكى رۇسىيە توسالغۇسىنى يېڭىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «رەھبەرلەر يەنە، ئەگە دېڭىزى ۋە سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بايدىن ئىككى تەرەپ ئىجابىي مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم  تىلغا ئالدى. ئىككى رەھبەر ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر