ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە بىلەن ئىمزالانغان باياننامىگە ئاساسەن قەدەم تاشلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە بىلەن 2020 – يىلى نويابىردا ئىمزالانغان باياننامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1847653
ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە بىلەن ئىمزالانغان باياننامىگە ئاساسەن قەدەم تاشلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، پايتەخت باكۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئەلىيېۋ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا «ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى باياننامىسى» ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ ئاچقۇچلۇق ھۆججەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقنىڭ ئاجايىپ نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.»

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىش باسقۇچىدا دۆلىتىنىڭ پوزىتسىيەنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەلىيېۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ پوزىتسىيە، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىغا ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىزنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ھەققىدە ئىزدىنىش تەكلىپىمىز جاۋابسىز قالدى، ئەمما بىز يەنىلا بۇ تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ، رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى رىياسەتچىلىك قىلغان ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئاكتىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان  «ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى باياننامىسى» ۋە باشقا كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىي يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدىكى كۆرسەتمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ يوليورۇقلىرىغا  ئەمەل قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر