پولكوۋنىك سەيياد خودايى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ بىر پولكوۋنىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

1830599
پولكوۋنىك سەيياد خودايى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، پولكوۋنىك سەيياد خودايىنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئىككى موتوسىكلىتلىق كىشىنىڭ پولكوۋنىك سەيياد خودايىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئوققا تۇتقانلىقى، بېشىغا ئوق تەگكەن خودايىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خوداينىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قارمىقىدا سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر