پۇتىن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستونىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، پۇتىن نىنىستوغا، رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن موسكۋانىڭ بىخەتەرلىك تەكلىپلىرىگە يازما جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.
ئىككى رەھبەر، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ھۆججەتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن بىخەتەرلىك پرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، مىنسىك كېلىشىملىرىنىڭ «ئىزچىل ۋە تولۇق» ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.