لاۋروۋ ۋاڭ يى بىلەن قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفونلىشىپ، قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1760659
لاۋروۋ ۋاڭ يى بىلەن قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ۋاڭ يىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن تەرتىپ – ئىنتىزامنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەتتە، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى چەت كۈچلەرنىڭ تەسىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋنىڭ تەھدىتلەرگە قارشى دەل ۋاقتىدا شۇنداقلا مۇۋازىنەتلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋاڭ يى سۆھبەت ئەسناسىدا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاندا يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە ئىجابى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەر ئىككى دۆلەت ۋەكىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سۆھبەتتە، لاۋروۋ دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شېۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بىلەنمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بىخەتەرلىك سۆھبەتلىرى توغرىسىدا ۋاڭ يىنى ۋاقىپلاندۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر