مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز بىلەن كۆرۈشتى.

1754013
مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، گانتىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە روش خەييىندىكى ئۆيىدە پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباسنى كۈتۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچەم ئۇچرىشىشتا ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە، ھەم پۇقرالار مەسىلىسىدە ھەر خىل تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

باياناتتا، «يىغىن تەخمىنەن 2.5 سائەت داۋاملاشتى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پەلەستىن پىرېزىدېنتىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل پەلەستىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى ھۈسەيىن ئەل شەيىخ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت ئابباسنىڭ گانتىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى  قەيت قىلدى.

ھۈسەيىن ئەل شەيىخ ئۇچرىشىشتا خەلقئارانىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن سىياسىي ئۇپۇق ئېچىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكلەر، بىخەىتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر