خۇسىيلارنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇراشتۇرۇش سېخلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

يەمەندە ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار پايتەخت سانا ۋە سادا ۋىلايەتلىرىدە خۇسىيلارغا تەۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇراشتۇرۇش سېخى ۋە قورال ئامبىارلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

1741940

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى« SPA» دا ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، «خۇسىيلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ئەلخۇسىنىڭ قورغىنى ھېسابلىنىدىغان سادادىكى ھەربىي نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى»  دېيىلدى ھەمدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قۇراشتۇرۇش سېخلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە قىسىملار خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سانادىمۇ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ھەربىي نىشانلارنى، قورال ئامبارلىرى ۋە تەمىنلەش ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلغانلىقى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سانانىڭ شەرقىدىكى ھەربىي جايلارغا سېلىنغان ئىككى ئامبارنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 2014-يىلى سىنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار 2015-يىلى 3-ئايدىن بېرى خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

خۇسىيلار ئومۇمەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ، دۆلەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

بىرلەشمە قىسىملارنىڭ بولسا، يېقىندىن بۇيان خۇسىيلارنىڭ سانادىكى بازىلىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر