بلىنكېن: تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرھال قايتىدىن ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1702378
بلىنكېن: تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئافغانىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋاكالەتخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەپتە ئاخىرىدا دوھادا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئافغانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دوھادىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، بۇ يەردە 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە ئافغانىستاندا قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرى مەسىلىسىدە تالىبانلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلارغا رۇخسەت بېرىشىگە قارىتا ۋەدىسىدە تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كابۇلدىكى ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرھال قايتىدىن ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەمراھلىرىمىزدىن تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر