پساكى كابۇل ئايرودورۇمى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا، «كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ ئاكتىپ ۋە ئوچۇق قىلىشى ئۈچۈن بىز تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1700569
پساكى كابۇل ئايرودورۇمى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش جەريانى ۋە ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

پاساكى ھامىد كارزايى ئايرودورۇمىنىڭ ئوچۇق قىلىشىنىڭ ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ يەردە ئاساسلىق شېرىكىمىز بولغان تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، تېخىمۇ كونكرېت مەسىلە، ئايرودورۇمنىڭ ئاممىۋىي قاتنىشىنى قايتا ھەرىكەتلەندۈرۈشتۇر. بۇ ئارقىلىق پەقەت كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسى قاتارلىق پروگراممىلار ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزۈشمۇ مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.

پساكى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تالىبان بىلەن سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

باياناتچى پساكى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تالىباننى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «ھەممىلا ئەھۋالدا بولغانغا ئوخشاش بۇمۇ شەر – شارائىتقا باغلىق، ئەمما بىز ھازىر بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر