ئەسەبىي  يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

99 ئەسەبىي يەھۇدىي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىردى.

1697807
ئەسەبىي  يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 99 ئەسەبىي يەھۇدىي، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەسجىدى ئەقسانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەلمەغارىبە دەرۋازىسىدىن مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرگەن، ئايدىن ئۇلار ھويلىنى ئايلانغاندىن كېيىن، مەسجىدى ئەقسادىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر