كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كېلەر ئاي بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە مانېۋىرىدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

1682880
كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن 24- ۋە 27-ئىيۇل كۈنلىرى ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەر قانداق چەتئەل ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى ھەربىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جىكىلىگەن.

كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشتا ئەمەلدارلاردىن دۈشمەنلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە قوشنىسى شىمالىي كورېيە بىلەن ئالاقە قاناللىرى قايتا ئېچىلىپ، يارىتىلغان يارىشىش كەيپىياتىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى ۋە ياكى قانداق شارائىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار يېقىنقى يىللاردىكى كوۋىد-19 يۇقۇمى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئازايتىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن بىر يىلدا تاقالغان ئالاقە قاناللىرى قايتىدىن ئېچىلغان بولۇپ، 28-ئىيۇلدا  تۇنجى تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر