ئامېرىكا ئافغانىستاندا دىپلوماتلارنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر قالدۇرىدۇ

ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قوغداش مەقسىتىدە 650 ئەسكەر قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1664813
ئامېرىكا ئافغانىستاندا دىپلوماتلارنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر قالدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرىنى قوللاش مەقسىتىدە بىر قانچە يۈز ئەسكەرنىڭ سېنتەبىر ئېيىغىچە ئافغانىستاندا تۇرغۇزۇشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇللار، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ قوللىشى شەرتى ئاستىدا ئايرودۇرۇمنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا-تۈركىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشۈپ، مەزكۇر مەسىلىدىكى كېلىشىمنى نەتىجىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستاندىكى 4 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىن نىشان قىلىپ بەلگىلىگەن 11-سېنتەبىردىن ئىلگىرى چېكىنىشى پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 650 ئەسكەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئافغانىستاندا تۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر