سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى چېگراسىدىكى بارا ۋە ئىھسىم يېزىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 پۇقرا يارىلاندى.

1662032
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە پۇقراۋى مۇداپىئە ئورگىنىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى مەسئۇل ھەسەن ئەھمەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششەر ئەسەد كۈچلىرى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بارا ۋە ئىھسىم يېزىلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇملاردا بارادا 2، ئىھسىمدا 5 بولۇپ، جەمئىي 7 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 10 پۇقرا يارىلانغان، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، بەششەر ئەسەد كۈچلىرى، ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ئىھسىم، مەششۇن، مەستۇما، سفوھىن، كېنسەفرا ۋە بەليۇن يېزىلىرىنى توپقا تۇتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر