فىرانسىيەدىكى تۈركلەر چادتىكى نامراتلارغا ياردەم بەردى
فىرانسىيەدىكى تۈرك ساخاۋەتچىلىرى قۇرغان بىر خەير- ساخاۋەت جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادتىكى 250 ئائىلىگە يېمەكلىك ياردىمى بەردى.
1627484
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمئىيەت رەئىسى مەھمەت يىلماز ئانادولۇ ئاگېنتلىقى(AA) غا بايانات بېرىپ، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم چادقا بېرىپ تۆت سۇ قۇدۇقى ئاچقانلىقىنى ۋە يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئىپتار پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.