شاڭخەيدە بىر زاۋۇتقا ئوت كېتىپ 8 خىتاي ئۆلدى

خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 كىشى قازا قىلدى.

1627139
شاڭخەيدە بىر زاۋۇتقا ئوت كېتىپ 8 خىتاي ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىنشەن رايونىدىكى شېڭرۇي ئېلېكترونلۇق تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 6 خىزمەتچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ئىككى نەپەر ئوت نەپەر ئۆچۈرۈش خادىمىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8 گە يەتتى.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #خىتاي , #شاڭخەي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر