رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا نارازلىق بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا نارازلىق بىلدۈردى.

1624844
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا نارازلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە دىپلوماتىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ «ئاساسسىز» ۋە «يالغان» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ دوستانە بولمىغان قەدىمىگە نارازلىق بىلدۈرىدۇ » دېيىلدى.

رۇسىيەدە، ئۇكرائىنانىڭ سانت پېتىرسبۇرگ كونسۇلى ئالېكساندىر سوسونيۇكنىڭ «مەخپىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ <ياقتۇرۇلمادىغان كىشى> دەپ ئېلان قىلىنىشىغا ئالاقىدار بەرگەن نوتاسىنى بۇنىڭغا جاۋابەن بەردى. بۇ پوزىتسىيەنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا  بولمايدۇ»  دېيىلدى.

ئالېكساندىر سوسونيۇكنىڭ رۇسىيەدە «قانۇنسىز» پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ ئۇكرائىنادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى سىممېترىك تەدبىر دەپ قارىمايدۇ ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن بىرسىگە  قارشى تەدبىر خاراكتېرلىك  قەدەم تاشلاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ»

روسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىرىنى (FSB)  17 - ئاپرېلدا ئۇكرائىنانىڭ سانت پېتىرسبۇرگ كونسۇلى ئالېكساندىر سوسونيۇكنى «مەخپىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن نازارەتكە ئالغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئالېكساندىر سوسونيۇكنىڭ 19-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن 72 سائەت ئىچىدە رۇسىيەدىن چىقىپكېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.  

بۇنىڭغا قارىتا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى  ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر