ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاشتى

ئامېرىكانىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېررى شاڭخەيدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىتاي بىلەن بىرلەشمە بايانات ئىمزالىدى.

1623398
ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاشتى
ABD-Çin.jpg
abd-çin.jpg
İklim Zirvesi.JPG
aa iklim değişikliği hava kirliliği.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمەتلىرى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۈرەشكە ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەيدىغان بىرلەشمە بايانات ئىمزالاشتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىللىرى جون كېررى ۋە شې جېنخۇا خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھۆكۈمەتلىرىگە ۋاكالىتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

جون كېررى بىلەن شې جېنخۇا ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

باياناتتا، پارىژ كېلىمات كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە 22-ۋە 23-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلىمات ئۆزگىرىشى رەھبەرلەر يىغىنى ۋە نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىنىڭمۇ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارى كاربوننى ئازايتىشتا تېگىشلىك جاۋابكارلىقلىرىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانى پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىققان ئىدى. ئەمما 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جو بايدىن ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكانى كېلىشىمگە قايتىدىن قاتناشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر