533 مىليون فېسبۇك ئابونتلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى

مەلۇم بىر خاككېرلار تور بېتىدە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى فېسبۇكنىڭ 533 مىليون ئابونتلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى.

1614310
533 مىليون فېسبۇك ئابونتلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Business Insider» تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە، مەلۇم بىر خاككېرلار تور بېتىدە 106 دۆلەتتىن 533 مىليون فېسبۇك ئابونتلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى ۋە شەخسىي مەلۇماتلىرىنىڭ توردا ھەقسىز ھەمبەھىرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئېلان قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ 32 مىليوندىن كۆپرەكىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا 11 مىليونى ئەنگلىيەلىكلەرگە ۋە 6 مىليونى ھىندىستانلىقلارغا تەۋە ئىكەنلىكى، بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدە تېلېفون نومۇرلىرى، ئورۇن ئۇچۇرى، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئېلېكترونلۇق خەت ئادرىسى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خاككېرلار تەرىپىدىن ئالدامچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر