فايزېر بىلەن بىيونتېك ۋاكسىنا نىشانىنى يېڭىلىدى

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) بىلەن گېرمانىيە بىيونتېك (BioNTech) شىركىتىنىڭ ئورتاق شىركىتى «بىيونتېك-فايزېر» يىل ئاخىرىغىچە بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى 2.5 مىليارد دانىگە چىقاردى.

1611428
فايزېر بىلەن بىيونتېك ۋاكسىنا نىشانىنى يېڭىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىيونتېك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقرىش پىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئورتاق شىركەت فايزېرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى بىلەن، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2.5 مىليارد دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىش پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.

فايزېر شىركىتى ئىلگىرى مۇشۇ يىل (2021) ئىچىدە 2.3 مىلياردتىن 2.4 مىلياردقىچە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقرىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بىيونتېك باياناتىدا، ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ۋاكسىنا تورىنىڭ كېڭىيىشىدىكى رولىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى. باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ۋە تورىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈچى بار شېرىكلەر بىلەن قوشۇمچە تەدبىرلەر توغرىسىدا ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر