نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ بىر ئالتۇن كانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1591786
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زامفارا ئۆلكىسىنىڭ دانكۇرمى رايونىدا موتوسىكلىتلىق كىشىلەرنىڭ بىر ئالتۇن كانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، زامفارا ئۆلكىسىدە ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فۇلانىلەر بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە ئىكەن.