بايدىننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نامزاتى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن مىچىگان ئىشتاتىنىڭ سابىق ۋالىيسى جېننىفېر گرانخولمنىڭ مىنىستىرلىقىنى تەستىقلىدى.
1591104
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىدىكى بېلەت تاشلاشتا، 64 پالاتا ئەزاسى گرانخولمنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى بولۇشىنى قوللاپ، 35 پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.