ئىتالىيە: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىدىن سۆيۈندۇق

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مائىئو، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغان بولۇشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1563363
ئىتالىيە: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىدىن سۆيۈندۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لۇئىگى دتى مائىئونىڭ رىمدا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئۇچرىشىشتا دى مائىئونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ياۋروپا كۈنتەرتىپىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا: «مىنىستىر دى مائىئو، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن دى مائىئونىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى، شۇنداقلا لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، دتى مائىئونىڭ ياۋروپا كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىنىش پىروگراممىسىغا بولغان نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر