مىسىر ئەنگلىيەدىن پىرئەۋننىڭ ئالتۇن ھەيكەل بېشىنى تەلەپ قىلماقتا

مىسىر ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەگە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1334 – 1325 – يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن پىرئەۋن  تۇتانكخامۇننىڭ ئالتۇن ھەيكەل بېشى ئۈچۈن ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىم ئارتۇق سودىسىنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1216614
مىسىر ئەنگلىيەدىن پىرئەۋننىڭ ئالتۇن ھەيكەل بېشىنى تەلەپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  مىلادىدىن بۇرۇنقى 1334 – 1325 – يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن پىرئەۋن  تۇتانكخامۇننىڭ ئالتۇن قاپلانغان ھەيكىلىنىڭ بېشىنىڭ 4 – ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەنىڭ  پايتەختى لوندوندا كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  مىسىرنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كىم ئارتۇق سودىسىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى، ئەمما باياناتتا لوندون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇ ھەقتە كىم ئارتۇق سودىسى زالى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مەۋجۇت قانۇن – بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە مەزكۇر تارىخىي يادىكارلىقنىڭ مىسىرغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر