ئەنگلىيە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي  ئەھۋالىغا يۇقىرى باھا بەردى

لوندون پۇل – مۇئامىلە مەركىزىنىڭ باشلىقى پېتېر ئېستلىر تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 13 – دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1179800
ئەنگلىيە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي  ئەھۋالىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېستلىر ئىستانبۇلدا تۈرك سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىنكى پۇل – مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرىدە تۈركىيە  - ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، 2017 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن 2 – ئېكسپورت بازىرى بولغانلىقىنى، ئەنگلىيەگە نىسبەتەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى، دەرۋەقە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە نوپۇزى ئىنتايىن  كۈچلۈك بىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ مۆتىدىل ھاۋاسى بىزنى جەلىپ قىلىدۇ، ئەنگلىيەدىن تۈركىيەگە ناھايىتى كۆپ ساياھەتچى كېلىدۇ. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلەرگە قارىتا مۇلازىمىتى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، نۆۋەتتە تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 13 – كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر