«ئىتتىپاقداشلار دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى قوزغىشى مۇمكىن»

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى گېنېرال ئەھمەد ئەسىيرىي، خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مارت ياكى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

431396
«ئىتتىپاقداشلار دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى قوزغىشى مۇمكىن»
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا بىر يەرگە جەم بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى گېنېرال ئەھمەد ئەسىيرىي يىغىن جەريانىدا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، 38 دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرىمىز، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ نىشانى باش ئىشتاب باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە چاقىرىلىدىغان يىغىندا بەلگىلەپ چىقىلىدۇ، تەپسىلىي پىلانلار بولسا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۈزۈپ چىقىلىدۇ، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مارت ياكى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار.» يىغىندا سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىش مەسىلىسىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەسىيرىي، «بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار كېيىنكى يىغىنلاردا ئېنىق بولىدۇ. سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىش مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىق، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلسا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يىغىندىن بۇرۇن جاكارلىغانىدۇق. سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىش ۋە ئەسكەر سانى ھەققىدىكى پىلانلار باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدا تۈزۈلىدۇ» دېدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر